2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5.1% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 1.41 / 0.73 / 0.35
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 1 سائەت 36 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3510ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

قىرىق تال چاچ قىرىق قاراقچى

sarki 5 ھېكمەت

قۇربانجان ئابدۇرېھىم ئەلرام

ئېھتىمال، چىمەننىڭ بوستانلىرىدەك
ياراشقان چاچلىرىڭ قىرىق تال قىلىچ.
ماڭساڭ ئۇ يىلاندەك سويلۇنۇپ تۇرار،
قويمايدۇ شۇ سەۋەب كۆڭلۈمنى تىنچ.

ياراشقان بولسىمۇ، لېۋەن بويۇڭغا،
ئويلىدىم، قاراقچى قىرىق تال چېچىڭ.
قارىماي دېسەممۇ قاراتقۇزىدۇ،
سەن مەغرۇر ئۇ بىلەن، ئاغرىماس ئىچىڭ.

قورشاۋى ئۇلارنىڭ پەقەتلا ماڭا،
ھېس قىلىپ تۇرىمەن (شۇنداق تۇيۇلار).
شۇ قىرىق قاراقچى-قىرىق تال چېچىڭ،
غۇرۇردۇر ئويلىسام، سۆيۈملۈك ئۇلار...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش