2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.7% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.11 / 0.19 / 0.21
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 16 سائەت 23 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1110ئومۇمىي زىيارەت
4476يۈرگەن كۈنلىرى

قايتماس يولۇچى (2)

sarki 1 ھېكايە

ئابدۇرېھىم مۇھەممەد سەھرايى

ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىپ باقاي دەپ تەبىئەتنىڭ بوسۇغۇسىغا كەلدىم.
سوئال:
تەبىئەت ئانا، كۆردۈڭمۇ، مېنىڭ بالىلىقىم زادى نەگە كەتتى؟
جاۋاب:
لەگلەكلەرگە ئەگىشىپ، كېپىنەكلەرگە ئالدىنىپ، بورانلىق سەھەرلەرگە قوشۇلۇپ ئەنە ئاۋۇ تەرەپكە جاھاننىڭ ... ياق، ۋاقىتنىڭ بىر يەرلىرىگە سىڭىپ كەتتى.
سوئال:
ئەمىسە، ياشلىقىمنىمۇ بولسا ساقلاپ قالغانسەن؟
جاۋاب:
نەدىكىنى، ئۇ تېخىمۇ بەڭباش ئىكەن، ئاينى كۆرۈپ تۈڭلۈكتىن، شامالنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ ئىشىك – دېرىزىلەردىن قاچتى... يۇلتۇزلارغا قىلغان ‹‹ئەدەبسىزلىكى›› مۇ ئاز ئەمەس، باغلاردىن، شورىلاردىن، سۈڭگۈچلەردىن، يالغۇز جىگدىلەرگە يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغان سانسىزلىغان ياز كېچىلىرىدىن ئىزدەپ – تېپىپ قىلغان نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەددى – ھېسابى يوق، زېرىكىپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىنىمدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن. سوراپ – سۈيلەپ نېمە قىلاتتىڭ. پەرۋانىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ئوتتا بولماي نەدە بولاتتى؟
سوئال:
قىرانلىقىمغىغۇ بىر نېمە دېمەسسەن؟
جاۋاب:
شۇنداق، ئۇمۇ تېرىكچىلىك ھارۋىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن بىرى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، لېكىن بىر يەرلەردىن: ‹‹قۇرۇپ – قاقشال بولۇپ قالدۇق، ئوتۇنچى ئاپىرىپ ساتسۇن›› دېگەندەك ناخشىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قالىمەن، قارىغاندا ھايات ۋە مۇھەببەت داۋانلىرىدىن ئاشقىچە چارچىغان، جۈدىگەن، قېرىغاندۇ...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش