2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى53.3% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.1% · 98.5 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.07 / 0.04 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 16 سائەت 36 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.38
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3819ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

سەھرا لېرىكىسى

sarki 5 ھېكمەت

ئابدۇكېرىم ئابدۇخالىق

سەھرانىڭ ئۆزگىچە گۈلباغلىرى بار،
ئەتراپقا خۇشپۇراق چاچىدۇ لەرزان.
باھارنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئارا،
ياپيېشىل باغلارغا پۈركىنەر جاھان.

سەھرانىڭ كۈز پەسلى ئاجايىپ كۆركەم،
زوق بېرەر دىللارغا سالقىن ھاۋاسى.
كېچىلەر مەشرەپتىن قاينىغان ھايات،
يۈرەكنىڭ تارىنى چېكەر ساداسى.

سەھرانىڭ قۇچىقى شۇ قەدەر كەڭرى،
جىمىكى مەۋجۇدات ئۇندا مۇجەسسەم.
مۇھەببەت كۈيىدە سۇغۇرۇلغان قەلب،
مېھىر ۋە شەپقەتكە تولغان ئەزىزەم.

سەھرادىن ئايرىلىش ئازابتۇر ماڭا،
مەن ئۆسۈپ يېتىلدىم باغرىدا ئۇنىڭ.
ئەقىدەم سەھراغا تۇتاشقان مەھكەم،
ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتۇر ھېچ مېنىڭ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش