2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى53.8% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.6% · 93.1 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.04 / 0.03 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 20 سائەت 57 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
417ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

سەن ئاق چاچلىق پەرىشتە

sarki 1 تەرمىلەر

مۇيەسسەر خېلىل

سەن ئاقكۆڭۈل پەرىشتە ئىدىڭ. مەن سېنى كىچىكمدىنلا تونۇيتتۇم. ئۇ ۋاقىتلاردا سەن جىسىمدىن ياشلىق گۈزەللىكى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاق خالاتلىق پەرىشتە ئىدىڭ.كەسىپ سۆيەرلىكىڭ، چاققان، تېتىكلىكىڭ بىلەن ھەر دائىم ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا، ماختىشغا ئېرىشەتتىڭ.
ئۇچقۇر يىللار بىر–بىرنى قوغىلشىپ مەنمۇ چوڭ بولۇپ، ئانا بولدۇم. شۇنداق كۇنلەردە مەن سېنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم. سەن ئەمدى ئاق چاچلىق پەرىشتىگە ئايلانغان ئىكەنسەن. مەن سەن بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق سېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ پەرزەنتىڭنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىردا ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزۈڭنىڭ بولسا دەم ئېلىشقا چىققانلىقىنى بىلدىم.
تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن مەن يېقىندىن بۇيان، سەن بىلەن قوشنا بولۇپ قالدىم. ئەي ئاق چاچلىق پەرىشتە. سەن ماڭا دەم ئېلىشقا چىقتىم دېگەن ئىدىڭ.ئەمما سەن كۈنلىرىڭىنى تولىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋېتىپسەن. چۈنكى سېنىڭ قەدىناس ھەمراھىڭ، ئۆز ۋاقتىدىكى خۇش چاقچاق، تەمبەل كەلگەن ئەشۇ يولدىشىڭ ئۇزۇن يىللىق قان بېسىم تۈپەيلى يېرىم پاراللىچ بولۇپ قالغان ئىكەن. مەن ھەر كۈنى دېرىزدىن سىرتقا قارىغنىمىدا سېنىڭ ئۇرۇق گەۋدەڭ بىلەن ئۇنى تىرەپ تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىڭنى، كۈن ئوچۇق كۈنلىرى ئۇنى ئاپتاپتا ئولتۇرغۇزۇپ قىزىق–قىزىق گەپلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇۋاتقانلىقىڭنى، مېھرىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قويۇۋاتقانلىقىڭنى، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقت چىىقرىپ ئۇنىڭىغا مېڭىشىنى مەشىق قىلدۇرۋاتقانلىقىڭنى كۆرەتتىم.
سېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىڭى ئۇزۇن ئىككى ئۆرۈم سۇمبۇل چېچىڭ گەرچە ئىنچىكىلەپ ياغلىقلار ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى مۇنچاق–مۇنچاق تەرلەر بىلەن يۇيۇلۇپ پارقىراپ تۇرغان پېشانەڭدىن چىقىپ تۇرغان ئاشۇ ئاپئاق چاچلار سېنىڭ ئاق خالاتلىق پەرىشتىدىن ھەقىقىي بىر ئاق چاچلىق پەرىشتىگە ئايلانغانلىقىڭنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى.
گەرچە بالىلىرىڭ بىر–بىرىدىن كۆيۈمچان، ئەقىللىق بالىلار بولغان بولسىمۇ، ئەمما سەن ئۇلارنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا خاتىرجەم بىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتىڭ. سەن ئەنە شۇنداق بالىلىرىڭنىڭ كۆيۈمچان ئانىسى، ھەمراھىڭنىڭ ۋاپادار جۈپتى، ماڭا ئوخشاش ياش ئانىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ئىدىڭ.
چارچىمايسەن ئەمەس، چارچايسەن، زېرىكمەيسەن ئەمەس، زېرىكىسەن. لېكىن سەن ئاشۇ تۇرمۇشتىن خۇشاللىق ئىزدەيسەن. كۈنلەرنى مەنىلىك خۇشال–خورام ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىسەن. ئەمەلىيىتىڭ بىلەن يولدىشىڭغا خۇشاللىق، بالىلىرىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىسەن. چۈنكى سەن بۇ ئائىلىدىكى ئاق چاچلىق پەرىشتە. سەن ئىناقلىقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ، سەۋر-تاقەتنىڭ ئەلچىسى، سەن كۆيۈمچانلىقنىڭ، ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى، ئائىلىۋى گۈزەل ئەخلاقنىڭ كۈيچىسى. شۇنداق، سەن ئاددىيلىق ئىچىدە ئۈن–تىنسىز ئېيتىلىۋاتقان ئاشۇ يېقىملىق مېلۇدىيە، ماڭا ئوخشاش تالاي–تالاي قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ، ئۆزۈڭگە ئوخشاش پەرىشتىلەر كۆپەيگۈسى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش