2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى10% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.2% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.7% · 96.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.05 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 22 سائەت 52 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3468ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

سەمىمىيەت

sarki 5 ھېكايە

(نەسىر)
گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

سەمىمىيەت ئاپئاق قاردەك سۈزۈك، مۇقەددەس، سۆيگۈدەك بۈيۈك يۈرەكلەردە بىخلانغان پەزىلەت غۇنچىسى. ساداقەت يىپىنىڭ جۇلاكار ئۈنچىسى، ئېزگۈ نىيەت، پاك مۇھەببەتنىڭ يارقىن جارچىسى.
ئۇ مىليون يىللار مابەينىدە قىممىتىنى يوقاتماي ۋۇجۇد ئالىمىدىن مەۋجۇتلۇق تۇپرىقىغا تېمىپ، روھ قۇياشىدىن ئادىمىيلىك مەنزىلىنى بويلاپ ئىنسانلارنىڭ دىل تەختىنىڭ ئېھتىرام سۇپىسىدا ئۆتكۈر نۇرلىرىنى تاراتماقتا. ئۇ، ئەقىل-پاراسەت، ئىنساپ-دىيانەت، ئىلىم ۋە پەزىلەتتىن ئۆزىگە تون كىيگەنلەرنىڭ ئىنسانلىق سەلتەنىتىنى يارقىن مەنىلەرگە، ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى ھەربىر كۈنلىرىنى شىرنىگە ئىگە قىلىدىغان خىسلەتلىك «پەرىشتە». ئەكسىچە، يامانلىقتىن ئۆزىگە جەندە ئارتقان، ئادىمىيلىكتىن تانغان كىشىلەرگە نەپرەت ساداقلىرىنى بەتلەپ، ھاياتلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇق يىلتىزىغا زەرب بىلەن پالتا ئۇرىدۇ. ھاياتنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاق، قىسىلچاقلىرىدا ئۆز «بەختى» ئۈچۈن مۇغەمبەرلىككە توقۇلغان تورلارنى رەھىمسىزلەرچە چۇۋۇپ، خۇمسىلىق دەرىخىنى قىرقىپ توزغاقتەك توزىتىدۇ. ئىنسانلار بۇ سېخى، ئەلۋەك، نۇرغا تولغان زېمىندا سەمىمىيەتنى ۋۇجۇد تۇپرىقىدا كۆكلىتىپ، ئۇنى ئۆزىگە بەخش ئېتەلىگەن-ئېتەلمىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك، قەدىرسىز سانىلىپ، ئۆز ئەجرىگە لايىق نېسىۋىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار قانچە قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولغانسېرى قەلبىدىكى ئەقىدە، ئېتىقادتىن يۇغۇرۇلغان سەمىمىيەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئۆز ھىدىنى ئەتراپقا سېخى قۇياشتەك چېچىپ، ئېزگۈلۈكنىڭ شان-نۇسرىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر، سەمىمىيەت بارلىق ئنساننىڭ قەلىب ئېتىزىغا تارام-تارام تۆكۈلۈپ، مەۋجۇتلۇق يىلتىزىغا سىڭىپ كەتسە، ئۇ چاغدا ھاياتلىق باغچىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، تۇيغۇلار شۇ قەدەر ياشارغان، تىلەكلەر قانات قاققان، تومۇر – تومۇرلاردا بۈيۈك يايراش ھېسلىرى ئۆركەشلىگەن بولاتتى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش