سەكراتتىكى بوۋاي
تولا ئىسلىنىۋېرىپ، قارداپ كەتكەن ئۆينىڭ تورۇسىدىكى ئىنچىكە ،قوپال لىم-چەڭزىلەرنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن،سامان لايدا سۇۋالغان تاملارنىڭ ئۇ يەر بۇيەردىكى سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كېتىپ كىسەكلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، سۇنۇپ، دەز چىقىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ قالغان يەرلىرىگە پىلاستىر چاپلاپ تۇرغۇزۇپ قۇيۇلغان كۆزنەكلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندائاساسەن ئەينەكلىرى قالمىغان، ئېچىلىپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن بولغان دەرىزىدىن چۈشكەن نۇر ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ ،ئۆي ئىچىنى بىر ئالغان بەدبۇي پۇراق بىلەن بىرگە ئادەمگە بىر خىل غەشلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. ئۆينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن كاڭ، كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن، كۆيە يەپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتكەن قارا(رەڭگىمۇ ئۆزگىرىپ كۈلرەڭ بۇلۇپ قالغان)ئىككى پارچە كېگىز، كېگىز ئۈستىدە تۆر تەرەپكە سېلىنغان كىرلىشىپ كاناپتەك قېتىپ كەتكەن ، ئەسلىدىكى قىزىل رەڭگى سۈسلىشىپ سۈس قىزىل رەڭگە كىرىپ قالغان كۆرپە ئۈستىدە، قاسماقلىشىپ كەتكەن يېشىل دۇخاۋا ياستۇققا بېشىنى قويۇپ، ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە، ئېغىر -ئېغىر يۆتىلىپ ،قىينىلىپ تەستە نەپەسلىنىپ، ئاجىز ئېڭراپ، ياشاڭغۇراپ قالغان كۆزلىرىنى تورۇسقا تىككىنىچە بىر بوۋاي ياتاتتى. بۇ بوۋاينىڭ كونىراپ تىۋىتلىرى چىقىپ كەتكەن ئاق (مايلىشىپ قارىداپ كەتكەن) شاپاق دوپپا كەيگەن، سىقىپ تاشلىۋەتكەن دەسمالدەك پۈرلىشىپ كەتكەن يۈزلىرى، تۈرمەلدەك تۈرىلىپ كەتكەن بويۇنلىرى، چوڭقۇرلاپ ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقان نۇرسىز كۆزلىرى، ھەر بىر نەپەسلەنگەندە تۆشۈكلىرى كېڭىيىپ تارىيىپ تۇرىدىغان بۇرۇنلىرى، ئاقارغان شالاڭ ئەمما ئۆسكىلەڭ بۇرۇت ساقاللىرى ئارسىدىكى ئېغىزى، ھەر بىر سۆزلىگەندە پىس-پىس قىلىپ يەل قاچۇرۇپ تۇرىدىغان، نەچچە تاللا قالغان سرغايغان چىشلىرى، ئىككى مەڭزىدىن بورتۇپ چىققان ياڭاق سۆڭىكى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن يۈزىنى كىچىكلەپ قالغاندەك، قۇلاقلىرىنى يوغىناپ كېتىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويغانىدى. كېسەل سەۋەبىدىن ئاجىزلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان تېنىنى تولىمۇ قورقۇنىچلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى. <توۋا،-دېدى بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە ئاستا پىچىرلاپ،-خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقىنىمغا ساپمۇ-ساق 70 يىل بۇلۇپتۇ.بۇ لەنىتى كېسەل چاپلاشقىلىمۇ ،بۇ لەنىتى كېسەل چاپلاشقىلىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى. يا ساقىيىپ كېتەلمەي، يا بۇ قېنىم ئەزرائىلغا يارىماي، بالىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، يۈك بۇلۇپ سۆرۈلۈپ يۈرىمەن.ھەي، ئىككى ئايدىن بېرى جامائەتتىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. تەڭرىم گۇناھلىرىمنى كەچۈرۋەتكەيسەن!...ئولتۇرسام قوپالمايمەن. ئۆرە تۇرسام پۇت -قۇلۇمدا ماغدۇر دەپ نەرسە يوق، بېشىم قېيىپ پۇتلىرىمنى بىر قەدەممۇ يۆتكىيەلمەي جايىمغىلا يىقىلىمەن. سېزىپ تۇرۇپتىمەن، بۇدا قاتتىق يىقىلدىم، ساقىيىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇڭىمۇ ئىگەمنىڭ ئەزرائىلنى قايسى ۋاقىتتا قېشىمغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تىت-تىت بۇلۇپ، تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ يېتىپتىمەن. ناۋادا شۇ تاپتا ئەزرائىل قېشىمدا بولغان بولسىدى، جېنىمنى خوشاللىق بىلەن قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويغان...
‹جالاققىدە› قىلغان ئاۋاز بىلەن بوۋاينىڭ پۈتكۈل خىياللىرى ئاللىقايالارغا توزۇپ كەتتى. چۆچۈپ كەتكەن بوۋاي‹ئەزرايىل كەلدىمىكىن؟› دېگەن ئۈمىد بىلەن بېشىنى ئىشىك تەرەپكە بۇرىدى. ئەسلىدىكى يېشىل سىردا سىرلانغان رەڭلىرى ئۆچۈپ ، ئۆڭۈپ تونۇغۇسىز بىر خىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالغان، پەنلىرى ئاجراپ بېگىز قول پاتقۇدەك يېرىقچىلار ھاسىل بولغان، ھەر قېتىم ئېچىلىپ-يېپىلغاندا خۇددى ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەكلا ئەنسىز لەپەڭشىپ قويىدىغان ئىشىك زەرىپ بىلەن تامغا تىگىپ، كەينىگە ئازراق يېنىپ لىڭشىپ توختاپ قالدى.ئۆيگە قاش-قاپاقلىرىنى سۈزگىنىچە بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ كېلىنى قولىدا بىر قاچا ئاشنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى ۋە تاماق قاچىسى بىلەن بىر جۈپ چوكىنى بوۋاينىڭ ئالدىغا <جاققىدە>قىلىپ تاشلاپ بوۋايغا قاراپ سەت بىرنى ئالىيىپ قويۇپ كەينىگە بۇرۇلدى. -خېنىم ...بالام؟...-بوۋاينىڭ ئاۋازى ئېڭرىغاندەك چىقىپ كەتتى.كېلىن بۇلسا كەينىگىمۈ بۇرۇلماستىن ‹نېمە ئىش؟› دېگەندەك جايىدا توختىدى.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)
تېخى باھا يوق