2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.14 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3309ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

سۈكۈت قىلىش

sarki 8 ھېكايە

تۇرمۇشتا سۈكۈت كەم بولسا بولمايدۇ.
قۇياش سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ سەلتەنەت؛ئاسمان سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ يۈكسەكلىك؛سۈزۈك سۇلار سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ جىلۋىدارلىق؛ئالتۇن سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ قىممەت؛گۈللەر سۆزلىمەيدۇ،چۈنكى ئۇ گۈزەللىك.....ئىنسانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش،
ئالىيجاناپلار ماختانمىسىمۇ،كىشلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
پەيلاسوپلار؛ سۈكۈت قىلىش-پىشىپ يىتىلگەنلىك،دەيدۇ.
مۇتەپەككۇرلار؛ سۈكۈت قىلىش-ئېسىل پەزىلەت، دەيدۇ.
مائارىپشۇناسلار؛ سۈكۈت قىلىش-ئەقىل -پاراسەت دەيدۇ.
ئالىملار؛سۈكۈت قىلىش-كەشپىيات،دەيدۇ.
شۇنداق،سۈكۈت قىلىش-ئېرىشمەك تەس بولغان پىخسىىك ساپا ۋە قىممەتلىك جاھاندارچىلىق يولى.
ھەر قانداق ھەقىقەت شەرتلىك بولىدۇ،سۈكۈت قىلىشمۇ شۇنداق.مىنىڭچە ئالتۇندەك سۈكۈت قىلىش ۋە ئېغىز ئاچماسلىق ئاۋازسىزنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز سۈكۈت قىلىشنى ئادەت قىلغان بىر ئادەمنى تەلەيلىك دىسەك،ئۇنداقتا سۈكۈت قىلىشقا ئادەتلەنگەن كوللېكتىپ ۋە مىللەتنىڭ كۆپىنچىسى بەخىتسىز بولىدۇ. ھەممە كىشنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل ھەسرەت.ئاجىزلىق ۋە قۇرقۇنچاقلىقىنى سۈكۈت قىلغانلىق دىمەيمىز،نىمە قىلارىنى بىلمگەنلىكىنى سۈكۈت قىلىش دىمەيمىز،قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنى سۈكۈت قىلىش دىمەيمىز،بىخۇدلۇق قىلىشنى سۈكۈت قىلىش دىمەيمىز........
چۇقان ۋە مۇنازىرىدىن يىراق تۇرغانلىقنى سۈكۈت قىلىش دىگەندىن كۆرە،ئامالسىز قالغانلىق،ھەتتا توخۇ يۈرەكلىك دىگەن تۈزۈك.
مەن سۈكۈت قىلىشقا ئاپرىن ئوقۇيمەن،بۇ سۆزلەشنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلىغانلىقىم ئەمەس،بەلكى گەپنى تېخىمۇ ياخشى،تېخىمۇ ئەپچىل،تېخىمۇ يارقىن قىلىش؛گەپنى ئادەم قايىل قىلغۇدەك،ئىشنى پۈتتۈرگۈدەك دەرىجىدە قىلىش،دىمەكچىمەن. ئادەم بەزىدە گەپ قىلىشى ،بەزىدە سۈكۈت قىلىشى،گەپ قىلىشنىمۇ،سۈكۈت قىلىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى؛گەپ قىلىشقىمۇ،سۈكۈت قىلىشقىمۇ ماھىر بولۇشى كېرەك.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش