2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.13 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3315ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ئارىمىزغا سېپىل سوققان كۆزلىرىڭ

sarki 9 ھېكمەت

تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن

يۈرىكىمدە كۆيۈپ چوغدەك سۆزلىرىڭ،
جان شېخىمدا بۇلبۇل بولۇپ سايرىدى.
ئارىمىزغا سېپىل سوققان كۆزلىرىڭ،
قاپاق سۈزۈپ، قاپاق تۈرۈپ قارىدى.

بەكمۇ ئېگىز ئۇ سېپىلنىڭ تاملىرى،
مەن يىقىلدىم نەچچە قېتىم گۈپپىدە...
دارغا ئاستىڭ مېنى قىرىق يېرىمدىن،
قېچىپ چىقتىم مەن شۇندىمۇ غىپپىدە.

ياماشتىم مەن تاملىرىغا سېپىلنىڭ،
تۇيدۇرماستىن كىرىۋالدىم ئىچىگە.
چەكسىز كەتكەن باياۋاندەك چاڭقىدىم،
ئوت كۆيىدۇ غېرىبلىقىم تۈنىدە.

رىشتىڭ بىلەن يۈرىكىمنى سۇغاردىڭ،
چېچەكلىدى قىزىل گۈلدەك سۆزلىرىڭ.
تاڭنى باشلاپ تۈنلىرىمنى يورۇتتى،
ئارىمىزغا سېپىل سوققان كۆزلىرىڭ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش