2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.4% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.09 / 0.05
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 8 سائەت 23 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3553ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

دەرەخ سايىسى

sarki 4 ھېكايە

ئۇستاز بىلەن شاگىرتلىرى ئورمانلىقتىن ئۈتۈپ كېتىۋېتىپ، نەچچە يۈز ياغاچچىنىڭ چوڭ بىر ساراي سېلىش ئۈچۈن ياغاچ كېسىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل ئورمانلىقتىكى ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ پەقەت بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنى نېمىشقا ھەممە دەرەخنىڭ كېسىلىپ، مۇشۇ بىرلا دەرەخنىڭ كېسىلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ كېلىش ئۈچۈن ياغاچچىلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ .
- نىمىشقا بۇ دەرەخنى كەسمىدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ شاگىرتلاردىن بىرى ياغاچچىلاردىن .
- بۇ دەرەخنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى بۇ دەرەخنى ھىچنىمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ دەرەخنىڭ شېخىنىڭ ھەممىسىدە مۇنەك بار، بىرمۇ تۈز شېخى يوق، شۇڭا بۇ شاخلارنى تۈۋرۈك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ شاخلارنى كۆيدۈرگەندە چىققان ئىس زەھەرلىك، بۇ دەرەخنىڭ قەتئىيلا كېرىكى يوق، - دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ بىر ياغاچچى .
شاگىرتلار قايتىپ بېرىپ ئۇستازىغا بۇ دەرەخنىڭ كېسىلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ. ئۇستاز شاگىرتلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- سىلەر دەل مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بۇلۇڭلار، ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىمىز دەيدىكەنسىلەر، چۇقۇم مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش بۇلۇشۇڭلار كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا باشقىلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەگەر بۇ دەرەخ شېخى تۈز بولغان بولسا، ئاللىبۇرۇن كېسىۋېتىلىپ ئۆي جاھازىلىرى ياسىلىپ بولغان بولاتتى، پەقەت مۇشۇ دەرەخ شېخىغا ئوخشاش قەتئىيلا كېرەكسىز بولغاندىلا، ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمايدۇ،-دەپتۇ. شاگىرتلار ئۇستازىنىڭ گىپىدىن ئەجەپلىنىپ :
- ئۇنداقتا بىز جەمئىيەتكە تۆھپە قوشمىغان بولمامدۇق؟ - دەپ سوراپتۇ .
- ئەجەبا تۆھپە قۇشۇشتا پەقەت تەسەۋۇرغا تايانسىلا بولامدۇ ؟ ئەگەر بۇ دەرەخ ناھايىتى ئىگىز ، چوڭ ئۆسسە نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايىدىيالايدۇ ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ ئۇستاز . كېيىن بۇ دەرەخ بارغانسىرى چوڭلاپتۇ، بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، نۇرغۇن ئادەملەر بۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا سايداپتۇ .

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش