2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى55.4% · 4.2 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.05 / 0.05 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 14 سائەت 13 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
655ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

خوشاللىق رېتسىپى

sarki 1 ھېكايە

بۇرۇن بىر ياش دانىشمەندىن سوراپتۇ :قانداق قىلسام خوشال يۈرەلەيمەن ۋە باشقىلارغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالايمەن ؟
دانىشمەن بۇ ياشقا تۆت تۈرلۈك پەندى– نەسىھەتنى سوۋغا قىلىپتۇ : ئۆزۈڭنى باشقىلار ئورنىدا قويۇپ باققىن ،باشقىلارنى ئۆز ئورنىڭغا قويۇپ باققىن ،باشقىلارنى يەنە باشقىلار ئورنىغا قويۇپ باققىن ۋە ئۆزۈڭنى ئۆز ئورنىڭغا قويۇپ باققىن . بۇ ياش دانىشمەننىڭ سۆزى بويىچە ھايات كەچۈرۈپ ئۆزىمۇ دانىشمەنگە ئايلىنىپتۇ ۋە باشقىلارغىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالايدىغان بوپتۇ . دانىشمەننىڭ بۇ پەندى – نەسىھەتلىرى خوشاللىق رېتسىپىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى .
ئۆزۈڭنى باشقىلار ئورنىغا قويۇپ باققىن
زەربىگە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىڭدا ئۆزۈڭنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ بۇ ئىشلارنىڭ سىرتىغا قويۇپ باققىن ، كۆڭۈلسىزلىك تەبىئىلا ئازلايدۇ .نەتىجە قازىنىپ غەلبىگە ئېرىشكىنىڭدە يەنە ئۆزۈڭنى باشقىلار ئورنىغا قويۇپ باققىن ، ئۇ چاغدا غەلىبەڭدىن مەغرۇرلىنىپ ئۆزۈڭنى يوقۇتۇپ قويمايسەن .
باشقىلارنى ئۆز ئورنىڭغا قويۇپ باققىن
كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزۈڭنى باشقىلار ئورنىغا قويۇپ ‹‹ بۇ ئىش مىنىڭ بېشىمغا كېلىپ قالسا قانداق قىلاتتىم ، قانداق قىلىشىم كېرەك ئىدى ؟›› دىگەنلەرنى ئويلاپ باشقىلارغا كۆپرەك كۆيۈنگىن ۋە ياردەم قىلغىن . باشقىلارنى يەنە باشقىلار ئورنىغا قويۇپ باققىن . ئادەم ئۆزىنىلا ئويلىماسلىقى ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىشى ،ھەرقانداق ۋاقىتتا سوغۇق مۇئامىلە قىلماسلىقى ، قانداق قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك . نىمە قىلىش باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى، سەن ئۇلارغا توسالغۇ بولالمايسەن .
ئۆزۈڭنى ئۆز ئورنىڭغا قويۇپ باققىن
ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خاراكتېرى بولىدۇ .سەن يەنىلا سەن ئۆزۈڭ باشقىلار ئەمەس . بەزىدە سەن يەنە باشقا بىر ئادەم . سەن ئۆزۈڭنى ئۆز ئورنىڭغا قويغان ۋاقتىڭدا ئۆز مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلالىشىڭ ، ئۆزۈڭنى باشقىلار ئورنىدا قويغىنىڭدا باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۆزۈڭنى كۈزۈتەلىشىڭ كېرەك . بۇنداق بولغاندا ئۆز ئۆزۈڭنى كىشەنلەپ ئەركىنلىگىڭدىن مەھرۇم قالمايسەن .
شۇڭا سەۋەنلىكلىرىمىزنى تۈزۈتەلىگىنىمىزدە، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ئويلىيالىغىنىمىزدا، ھەر تەرەپتىن جەمئىيەتنى كۈزىتەلىگىنىمىزدە كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىيالايمىز . ھەر خىل تىگىشلىك بولمىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ئۆز تۇرمۇشىمىزغا كۆپرەك خوشاللىق ئاتا قىلالىساق شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا كىشىلەرگىمۇ خوشاللىق ئاتا قىلالايمىز .......

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش