2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى12.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.2% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.3% · 98.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.03 / 0.06 / 0.07
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 4 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3856ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

تەكلىماكانغا سەپەر

sarki 5 ھېكايە

ئابىلجان ھېيت

تەكلىماكان ياتار چۈش كەبى،
قېنى قېچىپ قالغان يۈرەكتەك.
ئارمانلىرى كۆكلەر مەن كەبى،
چۈشلىرى سىر، ئوڭى كۆيۈكتەك.

مېنى كۆك نۇر ئالدى قۇچاقلاپ،
ئۇ تاڭ سەھەر يا تەكلىماكان.
ئاياغلىرىم ئۇچقۇر يەل تاپان،
قەلبىمدە ئوت، گۈركىرەر ھىجران.

ئۈزۈك دىلىم ناخشىدەك ئاقتى،
قول ئۇزاتسام يوقتۇر مۇھەببەت.
ئەتە ئەمەس تەييار بۈگۈنلا،
نىيىتىڭدۇر سەن سىزغان سۈرەت.

بارچە گۈللەر ئۆز ئالدىغا خان،
خان تاجىدۇر يۇلغۇن چېچىكى.
جانسىز دېمە مۇڭلۇق چۆللەرنى،
يۇلغۇنلاردا ئۇيغۇر كىملىكى.

سۆز بەرمىدىم قۇشلارغا بۇندا،
ئۆمرى ئۆتتى تەكلىماكان دەپ.
بىز زارلىساق زارلىدۇق تېخى،
ئۇ كۈيلىدى كۆيگەننى ئاز دەپ.

بارخانلارغا باش قويۇپ ياتساڭ،
كۆرەركەنسەن قۇياش تەختىنى.
توپىسىنى تاپقاندا جېنىڭ،
بىلەركەنسەن ياشاش بەختىنى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش