2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى28.9% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 1.41 / 0.73 / 0.35
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 1 سائەت 36 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3508ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئاجرىشىش ئالدىدىكى ھىسابات

sarki 16 ھېكايە

بىر كۈنى كەچقۇرۇن، ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر جۈپ ئەر-ئايال سۆھبەتلەشتى.
ئايال يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئەرگە تىكىپ بايا يىزىپ تەييارلاپ قويغان ئېلىپ كەتمەكچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ تىزىملىكى يېزىلغان قەغەزنى ئەرگە سۇندى :
ئۈستەل چىرىغى – مەن ئالغان؛
كىتاپ جازىسى – مەن ئالغان؛
رەسىم رامكىسى – مەن ئالغان؛
سائەت – مەن ئالغان؛
ئورۇندۇق – مەن ئالغان؛
يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن .
ئەرنىڭ ئالغىنى ........
ئەر قەغەزدىكىنى كۆردى ئىختىيارسىز كۆزلىرىدە ياش لىغىرلىدى . ئۇ قولىغا قەلەم ئىلىپ، قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ ئايالىغا سۇندى :
يوتقان كۆرپە – ھەقسىز ؛
كىيىم ئىشكابى – ھەقسىز ؛
چايدان – ھەقسىز ؛
تېلېفۇن – ھەقسىز ؛
سىزگە سوۋغا قىلغان كىيىملەر – ھەقسىز ؛
سىزگە سوۋغا قىلغان گۈللەر – ھەقسىز ؛
سىزگە يازغان 200 پارچە خەت – ھەقسىز ؛
سانسىز قىتىم ئالغىلى بىرىش، ئاپىرىپ قويۇش، كۆيۈنۈش، سۆيۈش–ھەقسىز؛
سىزگە ھەمرا بولۇش، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش، كۈتۈش – ھەقسىز؛
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز .كۆتۈرۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ . سىزگە خوشاللىقتا، خاپىلىقتا بىرگە بولغىنىممۇ – ھەقسىز؛
ھەممىسىنى قوشۇپ كەلسەك، سىزگە بولغان چىن مۇھەببىتىممۇ - ھەقسىز ؛
ئايالنىڭ ئەمدىلا توختىغان ياشلىرى قايتىدىن تاشتى . ئۇ بۇرنىنى تارتىپ ،بىشىنى كۆتۈرۈپ ئەرگە قارىدى :
- شۇڭا يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن، سىزنىمۇ ...سىزنىمۇ قوشۇپ ئەكىتىمەن .
ئەر گەپ قىلماستىن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئايالىنى بارىغا باستى، خوشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي :
- مېنى ئەكىتىڭ، پۈتۈن ھاياتىم سىزگە مەنسۈپ بولسۇن –دىدى .
شۇنداق، مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئۇلۇغ، مۇھەببەتنى ھەرقانداق نەرسە بىلەن ھېساپلىغىلى بولمايدۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش