2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.03 / 0.07 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 46 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3329ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇ

sarki 8 ھېكايە

بىرەيلەن بىر خالتا پىياز ئوغۇرلاپ قويغاچقا قازى ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپتۇ. قازى جازالاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇ كىشىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىۋېلىشىنى بۇيرۇپتۇ. بىرىنچى، نەق مەيداندا بىر خالتا پىياز يېيىش؛ ئىككىنچى، يۈز قامچا يېيىش؛ ئۈچىنچى جەرىمانە تۆلەش. پىياز ئوغرىسى بىر خالتا پىياز يېيىشنى ئاسان چاغلاپ، بىرىنچى جازالاش ئۇسۇلىنى تاللاپتۇ. ئەمما بىر نەچچە تال پىيازنى يەپلا ئۇنىڭ ئېغىزلىرى كۆيۈپ، كۆزلىرى ئېچىشىپ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىشقا باشلاپتۇ.
-ئەمدى بىر تال پىيازنىمۇ يېيەلمىگۈدەكمەن، بولدى مېنى 100 قامچا ئۇرۇڭلار، -دەپتۇ. بىراق ئون نەچچە قامچا بەدىنىگە تېگىشى بىلەن، ئۇ چىدىيالمايلا قاپتۇ ۋە قامچىدىن قېچىپ يەردە دۇمىلاشقا باشلاپتۇ ۋە يىغلاپ تۇرۇپ:
-بولدى، ئەمدى ئۇرماڭلار، مەن جەرىمانە تۆلەشكە رازى، -دەپتۇ.
ئۇ ئەسلىدە بىرلا جازانى قوبۇل قىلسا بولاتتى، ئەمما ئۈچ خىل جازانىڭ ھەممىسىنى تېتىپ چىققاچقا، ئۇنىڭ بۇ ئىشى پۈتۈن شەھەرگە پۇر كېتىپ، كىشىلەرنىڭ كۈلكە دەستىكى بولۇپ قاپتۇ.
ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا بىزمۇ ئۆز ئىقتىدارىمىزنى دەڭسەپ بولالماي، پىياز ئوغرىسىغا ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىپ، ئورۇنسىز جاپا تارتىۋالىمىز.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش