2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.1% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.2% · 98.6 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.54 / 0.28 / 0.24
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 21 سائەت 25 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3829ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

تۈنلەرنىڭ زەردابى گۈلگە ئايلاندى

sarki 5 ھېكمەت

چىمەنگۈل ئاۋۇت

بۇلۇتلار يامغۇر بولدى ئېھ! قەدىردانىم،
باغرىمنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭ ئاۋايلاپ.
بارمىقىم شىرىقلىدى كۈمۈش زەنجىردەك،
بۇلبۇلنىڭ نالىسى تۆكۈلدى قاناپ.

تۈنلەرنىڭ زەردابى گۈلگە ئايلاندى،
كىملەرنىڭ دەردىنى سۆزلەيدۇ تاشلار؟
قۇرۇغان دەريادىن ئۆتمەكتە ئېقىپ،
كۆز ياشتەك يامرىغان قوڭۇر رەڭ چاچلار.

ئىسسىق بىر تىترەكنى سېزىمەن جىمجىت،
سەن ماڭدىڭ يېنىمدا قولۇمنى تۇتۇپ.
ئۇلاشتىم ئاخىرى مۇشۇ كۈنلەرگە،
شۇنچە يىل ھەسرىتىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ.

ئۆزۈمدىن باشقىلار ماڭالماس ئەمدى،
بۇ يولدا سەن ئۈچۈن بولىمەن تىكەن.
ئاق پوكان قارلىغىچىمدىن سورىسۇن جاھان،
نېمە ئۇ ياشاش ھەم مۇھەببەت دېگەن...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش