2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.13 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3316ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان جاۋاپ

sarki 8 ھېكايە

جون بىلەن جېك تاغقا چىقىش ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تاغلارنى بويسۇندۇرغان ئىدى . ئۇلار يەنە ئافرىقىدىكى ئەڭ ئىگىز تاغ تىزمىسى -كېلىمانجارۇ تاغ تىزمىسىنى بويسۇندۇرماقچى بولدى . ئۇلار تولۇق تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن تاغقا چىقىشقا باشلىدى. مۇساپە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ، ئەتىسى چۈشتىلا ئاپپاق تاغ قاپتىلىغا چىقىپ بولدى. ئۇلار بىر جايىدا ئولتۇرۇپ غىزالنىۋاتقاندا جون دەسسەپ تۇرغان يەردىكى مۇز يېرىلىپ كېتىپ، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى .
جېك مۇز يېرىقىنىڭ قېشىغا كېلىپ يۇقىرى ئاۋازدا:-جون سەن ھاياتمۇ؟-دەپ ۋارقىردى. خېلى ئۇزاقتىن كىيىن:-پەرۋەردىگار مېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى، مەن تېخى ھايات، بىراق بىلىكىم سۇنۇپ كەتتى،-دېگەن ئاجىز ئاۋاز ئاڭلاندى. جېك بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كىيىن: -ساقلاپ تۇر، مەن ھازىرلا سىنى تارتىپ چىقىرىمەن،-دەپ ۋاقىردى، ئاندىن ئارغامچىنى تاشلاپ بەردى،-ئارغامچىنى چىڭ تۇت، مەن سېنى تارتىپ چىقىرىۋالىمەن.جون ماقۇل بولدى، جېك ئۇنى تارتىشقا باشلىدى. بىر ئازدىن كېيىن جېك تۇيۇقسىز:-جون، بىلكىم سۇنۇپ كەتتى دەۋاتاتتىڭ ئارغامچىنى قانداق تۇتتۇڭ ؟-دەپ سورىدى . تۆۋەندىن ھېچقانداق جاۋاپ چىقمىدى. جېك ئويلىغانسىرى غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ئۇنىڭدىن يەنە سورىدى:-جون،ئارغامچىنى قانداق تۇتتۇڭ دەۋاتىمەن؟
-چىشىم...-دېگەن سۆز ئاخىرلاشمايلا،جىك ئارغامچىنىڭ تۇيۇقسىز يىنىكلەپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئارقىدىنلا توۋەندىن <پالاق> قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى .

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش