2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.5% · 99 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.18 / 0.2 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 15 سائەت 20 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.10
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3912ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

بىر خالتا گۈرۈچ (2)

sarki 4 ھېكايە

مۇناخ تىرىسا (ھىندىستان)

كەچقۇرۇن بىرەيلەن ماڭا ‹‹يېزىدا بىر يوقسۇل ئائىلە بار، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى سەككىز بالا تاماق يېمىگىلى بىرقانچە كۈن بولدى››دەپ خەۋەر بەردى. مەن بىر خالتا گۈرۈچنى ئېلىپ، خەۋەر بەرگەن ئادەم بىلەن بىللە ئاشۇ يوقسۇل ئائىلىگە كەلدىم. كۆز ئالدىمدا كۆرۈنگىنى ئاچلىقتىن قورساقلىرى كوركىراپ، قولۇمدىكى گۈرۈچكە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان بالىلار بولدى. بۇ كۆرۈنۈشتىن يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كەتتى.
بالىلارنىڭ ئانىسى جاننى قۇتقۇزىدىغان گۈرۈچنى ئېلىپ كەلگىنىمگە چەكسىز رەھمىتىنى بىلدۈردى، ھەمدە گۈرۈچنى ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى بالىلىرىغا قالدۇرۇپ، قالغان يېرىم خالتا گۈرۈچنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. بىرئازدىن كېيىن ئانا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن نەگە بارغانلىقىنى سورىۋېدىم، ئۇ ‹‹قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى بالىلارمۇ بىر نەرسە يېمىگىلى نەچچە كۈن بولغانىدى›› دېدى.
راستىنى ئېيتسام مەن ئۇنىڭ گېپىدىن ئازراقمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم، چۈنكى يوقسۇللار ئەڭ سېخىي كىشىلەر ئىدى.
قەيسەر جېلىل تەرجىمىسى

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش