2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.6% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.9% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.8% · 98.1 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.25 / 0.24 / 0.17
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 3 سائەت 34 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3530ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئەپۇ قىلىش ۋە ئۇنتۇپ كېتىش

sarki 6 ھېكايە

بىر دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ قۇيرۇقىغا دەسسىۋاپتۇ. زەھەرلىك يىلان بۇرۇلۇپ كېلىپلا ئۇنى قاتتىق چېقىۋاپتۇ. ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنمىغاچقا، دېھقاننىڭ ئوغلى ئۆلۈپ قاپتۇ. غەزەپلەنگەن دادا پالتىنى كۆتۈرۈپ تەلۋىلەرچە يىلاننى قوغلاپتۇ. زەھەرلىك يىلانمۇ ناھايىتى تېز قاچقاچقا، دېھقان پەقەت ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىلا چانىۋېتىپتۇ.
يارىلانغان زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە دېھقاننىڭ مال-چارۋىلىرىنى زەھەرلىك يىلان چېقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. غەزەپلەنگەن دېھقان زەھەرلىك يىلاننى تۇتۇشقا قەسەم قىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەيدىغان يېمەكلىرىنى ئېلىپ يىلان ئۇۋىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يىلاننى ئالداپ تۇتۇۋېلىشقا تەييارلىنىپ تۇرۇپتۇ. دېھقان يىلاننىڭ ئۇۋىسى ئېغىزىغا قاراپ يىلانغا مۇنداق دەپتۇ.
ــ بىز ئۆزئارا ئۆتكەننى ئۇنتۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىۋېتەيلى، بەلكىم سەن مېنى ئوغلۇم ئارقىلىق جازالاپ، مال-چارۋىلىرىمدىن ئۆز ئېلىشىڭ توغرىدۇ، بىراق مېنىڭ ئوغلۇم ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشىممۇ ئەلۋەتتە توغرا. ھازىر ئەمدى بىز نېمە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم دوست بولالمايمىز؟ بىز ھازىرقى ۋاقىتتا مۇشۇ ئاخىرقى نەتىجىدىن رازى بولساق، ئاندىن توغرا بولغان بولاتتى.
ــ ياق، ياق، ـــ دەپتۇ زەھەرلىك يىلان.
ــ سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۆلۈمىنى مەڭگۇ ئۇنتۇيالمايسەن، مەنمۇ قۇيرۇقىمنى يوقىتىپ قويغان ئازابىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.ئارازلىقنى ئەپۇ قىلىۋېتىش مۇمكىن، بىراق ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش