2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.3% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.05 / 0.06 / 0.07
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 7 سائەت 18 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3550ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئەمانىڭ ھايات مەنتىقىسى

sarki 5 ھېكايە

چوڭ بىر گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆي بولۇپ، بۇ ئۆيدە بىر ئەما ئادەم تۇراتتى. ئۇ گۈللىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلغاچقا، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ تۇراتتى. يولدىن ئۆتكەن بىر كىشى ھەيرانلىق ئىلكىدە بۇ گۈللەردىن ھۇزۇرلانغاچ، ئەمادىن سورىدى:
ــــ بۇ چىرايلىق گۈللەرنى ئەسلا كۆرەلمەيدىغان تۇرۇپ، نېمىشقا شۇنچە ئەجىر قىلىسىز؟ -ئەما كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ـــ مەن سىزگە بۇنىڭ تۆت سەۋەبىنى دەپ بېرەي، بىرىنچىدىن، باغۋەن بولۇشنى ياقتۇرىمەن؛ ئىككىنچىدىن، گۈللىرىمنى سىيلاپ ھۇزۇرلىنالايمەن؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇلارنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىيالايمەن؛ تۆتىنچىسىگە كەلسەك، بۇ ئەلۋەتتە سىز ئۈچۈن.
ــــ مەن؟ بىراق، سىز مېنى تونۇمايدىغان تۇرسىڭىز؟ - دېدى يولۇچى.
ــــ شۇنداق، مەن سىزنى تونۇمايمەن، لېكىن مەن باشقىلارنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ يەردىن ئۆتكىنىدە بۇ چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭىمۇ بۇ يەردە سىز بىلەن بۇ پاراڭلارنى قىلىشىمغا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ، - دېدى ئەما.
بۇ نېمىدىگەن جايىدا بېرىلگەن جاۋاب - ھە! پەرىشان كۆڭۈل خۇددى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئوخشايدۇ، ئۇ بۇنداق چىرايلىق گۈللۈكتىن بىرنى، ھەتتا يەنە نەچچىنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ. چۈشەندىڭىزمىكىن - قانداق، ئەمەلىيەتتە، ئەما كىشىنىڭ گۈللۈكنى پەرۋىش قىلىشى ھاياتىنى قىزغىن سۆيگەنلىكىدىندۇر.
ئۆزىمىزنى سۆيۈش بىلەن بىللە ئەتىراپىمىزدىكى ھەربىر شەيئىنى قىزغىن سۆيەلىسەك، ھايات بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ. يۇقىرىدىكى تېمىدىكى ئەما كىشىنىڭ ھاياتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ھەم ئىرادىسى مېنى سۆيۈندۈرمەي تۇرالمىدى.
شۇنداق، دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش