ئۆزىگە تايىنىش
بىر كۈنى قۇلۇلىنىڭ بالىسى ئانىسىدىن سوراپتۇ:
— ئانا، بىز نېمىشقاتۇغۇلۇشىمىزدىنلا بۇھەم ئېغىر ھەم قاتتىق قاپنىڭ ئىچىدە يۈرىمىز؟
— بىزنىڭ بەدىنىمىزدە ئۇستىخان يوق، پەقەتلا ئۆمىلىيەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرئىتىمىزمۇ تېز ئەمەس، شۇڭا بۇ قاپ بىزنى قوغداپ تۇرىدۇ. – دەپتۇ ئانىسى.
— پىلە قۇرتى ھەدىنىڭمۇ ئۇستىخىنى يوق، ئۆمىلىشىمۇ ئاستىغۇ؟ ئۇ نېمىشقابىزگە ئوخشاش ئېغىر قاپ ئىچىدە يۈرمەيدۇ؟
— پىلە قۇرتى كېپىنەككە ئايلانغاندىن كېيىن، ئاسمان ئۇنى قوغدايدۇ ئەمەسمۇ؟
— ئەمىسە سازاڭ ئۇكىنىڭمۇ ئۇستىخىنى يوق، سۈرئىتىمۇ ئاستا تۇرۇقلۇق، ئۇمۇ نېمىشقا قاپ يۈدۈپ يۈرمەيدۇ؟
— سازاڭ توپىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتەلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىمۇ تۇپراق قوغدايدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان قۇلۇلە بالىسى ئىختىيارسىز كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاپ كېتىپتۇ – دە:
— ھەي! بىز نىمىدىگەن بىچارە – ھە! بىزنى ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ قوغدىمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ – دەپتۇ.
ئانىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:— بىزنى ئاسمانمۇ، تۇپراقمۇ قوغدىمىغىنى بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىيالايمىز، چۈنكى بىزنىڭ قېپىمىز بار.
ھېكمەت: باشقىلارغا تايىنىۋالماسلىق، ھەر قانداق ئىشتا چوقۇم ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش كېرەك. باشقىلارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ تۇرۇۋېرىش ئەمەلىيەتتە مەغلۇبىيەتنى كۈتۈپ تۇرغانلىق بىلەن باراۋەر.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)
تېخى باھا يوق