2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.6% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.05 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 20 سائەت 26 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1153ئومۇمىي زىيارەت
4476يۈرگەن كۈنلىرى

ناننىڭ كۆيۈكى

sarki 1 ھېكايە

ئۇ ھەر ئەتىگىنى ئانىسىنىڭ نان چىلاپ بېرىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ چىنىسىگە نان چىلاۋېتىپ، دائىم ناننىڭ كۆيۈكى بولسىلا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە سېلىۋالاتتى. «ناننىڭ ئەشۇ يېرى بەك يىيىشلىك بولسا كېرەك؟» دەپ ئويلايىتتى ئۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىم دادىسىغا نان چىلاۋېتىپمۇ ئانىسى ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزىنىڭ چىنىسىگە تۇيدۇرماي سېلىۋالدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن غەش بولدى. «ما ئانامنى، ماڭىغۇ كىچىك بالا دەپ گوللاپ بەرمىسۇن. دادامنىمۇ گوللايدىكىنا؟!». ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئىشنى سەزمەي قالغىنىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى. ناۋادا دادىسى كۆرۈپ قالغان بولسا ئانىسىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى دادلاپ بەرگەن بولاتتى. «مەنمۇ چوقۇم يەيمەن». ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ ئوي كېلىپ نان چىلاۋاتقان ئانىسىغا دىدى: -ئانا، نىمىشقا ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزۈڭلا يەيسەن؟ ئانىسى سۇس كۈلۈمسىرىدى. -ناننىڭ بۇ يېرى يىيىشلىك. مەن بەك ئامراق. «ھە، ئەسلىدە ئويلىغىنىمدەككەنغۇ؟ خەپ، مەنمۇ يەپ باقمىسام!» بىر كۈنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچىۋاتقان چېيىنى قويۇپ سىرتقا بىر ئىش بىلەن ماڭغان پۇرسەتتە ئانىسىنىڭ چىنىسىنى ئېلىپلا بىر قوشۇق ئاغزىغا سالدى. ئەمما ئاغزىغا سالغىنىنى بىر چىشلەپلا ۋۇژژىدە بولۇپ ۋاقىرىۋەتكىلى تاس قالدى. كۆيۈك نان بەتتام بولۇپلا قالماستىن، چىشىدىن تارتىپ تاڭلايلىرىغىچە تېزلا چاپلىشىپ بىئاراملىقتىن سىلكىنىپ كەتتى. تۈكۈرۈپمۇ قۇتۇلالماي، ئاغزىنى خېلى ۋاققىچە چايقىغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغزىنىڭ بىر يەرلىرى ئەخلەت چاينىغاندەك بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمىدى. چىشىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالغان كۆيۈندىلەر خۇددى قۇمدەك غۇرۇچلاپ نەچچە كۈنگىچە توپا يەۋالغاندەك ئارامسىزلاندى. شۇ چاغدا ئۇ ئانىسىنىڭ نىمىشقا شۇنداق بەتتام ناننى يەپ مەززە قىلىپ ئولتۇرغىنىنى چۈشىنەلمىدى. «مەن يىسەم بەتتام بولغىنى بىلەن ئانام شېكەر سېلىپ ئىچەمدۇ-يا؟» دىگەندەك غەلىتە خىياللارنىمۇ خىيالىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرالمىدى. «ناننى خارلىسا يامان بولىدۇ» دەيىتتى ئانىسى كۆيۈك ناننى پەم بىلەن يەۋېتىپ. ئۇ كۆيۈك ناننى يەنە بىر قېتىم يەپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېلىقى بىئاراملىق يادىغا كەلسىلا قارىغۇسىمۇ كەلمەيىتتى. ھەر قېتىم چاي ئىچكەندە ئانىسىنىڭ چىرايىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ باقسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىئارام بولغىنىنى سەزمىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئانام راستىنلا شېكەر سېلىپ ئىچىدىغان ئوخشايدۇ» دىگەن ئويىنى تەستىقلىدى. ئەمما شۇنچە كۈزىتىپمۇ ئانىسىنىڭ چىنىسىگە شېكەر سالغىنىنى كۆرمىدى. «ئانامنىڭ مەن كۆرەلمەيدىغان سېھرىگەرلىكى بولسا كېرەك» دەپمۇ ئويلىدى بالا.......
ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئۇمۇ چوڭ بولدى. بالىلىق بولدى. ئۆزىمۇ ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋېلىپ چىنىسىگە سالىدىغان بولدى. شۇ چاغدىلا ئانىسىنىڭ نىمىشقا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋالىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى. ئۇ ئىختىيارسىز ئاھ ئۇردى. ئۆزىنى ئەيىپلىدى. لېكىن بۇ چاغدا ئانىسى ئاللىقاچان بۇ ئالەمدىن باقىغا كەتكەن ئىدى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش