2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.2% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.14 / 0.12
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 21 سائەت 34 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
433ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

شېئىر ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرسۇن (2)

sarki 1 تەرمىلەر

ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل
ئەگەر سىز ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ، بىر پارچە شېئىرنى تەھرىرلەپ قولدىن چىقارغىنىڭىزدا ئاپتور ‹‹شېئىرىمنىڭ مۇنۇ يەرلىرى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، دېمەكچى بولغان گېپىمنى چۈشەنمەپسىز، ئەسلىي مۇنداق دېمەكچى ئىدىم...›› دېسە قانداق قىلىسىز؟ مەن يېقىندا مۇشۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كەلگەندە بىر ئاپتورغا ‹‹ئەڭ ياخشىسى شېئىر ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرسۇن›› دېدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ گېپىم مۇنداقلا ئېيتىلغان بولماستىن، ئۇزاق يىللىق ئەدەبىي مۇھەررىرلىك تەجرىبەمدىن كەلگەنىدى.
دەرۋەقە، شېئىرنىڭ يېزىلىش جەريانى بىر قەدەر ئەركىن بولىدۇ، ئەمما تەھرىرلىنىش جەريانى ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى تەھرىرلىنىش جەريانىغا نەشر ئەپكارىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشانلىغان شېئىر ئىشلىتىش ئۆلچىمى، بولۇپمۇ، شېئىرنىڭ بەدىئىيلىكىگە قويىدىغان تەلىپى سىڭگەن بولىدۇ. مۇھەررىر مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدەپ شېئىر تەھرىرلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەررىر شېئىرىيەت ئىلمىدىن ۋە شائىرلىقتىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا شېئىر تەھرىرلەشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كەلگەن بەزى شېئىرلارنى شېئىر دېگەندىن كۆرە، گەپ دۆۋېسى دېگەن تۈزۈك. بەزى شېئىرلار تېخنىكا جەھەتتىن شېئىر تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ بەزى شېئىرلار ھەم تېخنىكا، ھەم مەزمۇن جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلسىمۇ، بەدىئىيلىكى جەھەتتىن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىشقىلىپ، مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا تەلەپكە ئۇيغۇن شېئىرغا قارىغاندا، تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەس شېئىر كۆپ كېلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن يېزىلىش جەريانى ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىدىغان شېئىرنىڭ ئاپتورىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. ئەمما مۇھەررىر ئاپتورنى ئەمەس، شېئىرنى تەھرىرلەيدۇ. مۇھەررىر تەلەپكە ئۇيغۇن شېئىرنى سۆيۈنۈپ تەھرىرلىگەن بىلەن، تەلەپكە يەتمىگەن، بىراق ئازراق توپا يۆلەپ قويسا جان كىرىدىغان شېئىرنى جان قاقشىتىپ تەھرىرلەپ، تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ‹‹مۇھەررىر ئەڭ ياخشى پىكىر، ئەڭ ياخشى تەسەۋۋۇر، ئەڭ ياخشى ئوخشىتىشلىرىنى باشقىلارنىڭ شېئىرىغا بېرىۋېتىدۇ›› دېگەن گەپ شۇ نۇقتىدىن چىقسا كېرەك. بىراق مۇھەررىرنىڭ ئەجرى بىلەن ھەقىقىي شېئىرغا ئايلىنىپ ئېلان قىلىنغان بۇنداق شېئىرلارنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ ئىنكاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ئاپتورلار ‹‹ناھايىتى ياخشى تەھرىرلىنىپتۇ›› دېسە، بەزى ئاپتورلار ‹‹بۇزۇۋېتىلىپتۇ›› دەيدۇ. ھەتتا، بەزى ئاپتورلار ‹‹مۇنداق دېمەكچى ئىدىم›› دەپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالىدۇ. ئاپتور مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالغان بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ بىرمۇبىر چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ تېخى بەزى ئاپتورلار ‹‹ئوقۇرمەن چۈشەنسۇن دەپ شېئىر يېزىش شائىر ئۈچۈن بىر بويۇنتۇرۇق›› دەپ قارايدىكەن. مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئىدىيەدە شېئىر يازىدىغانلار لايدا قونچاق ياساپ ئوينايدىغان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. كىچىك بالا كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن لايدا قونچاق ياساپ ئوينايدۇ. لاي قونچاق ئۆزىنى ياسىغان كىچىك بالىنىڭ كۆڭلىنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە خۇش قىلغاندىن كېيىن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يۈرىكىدە شېئىر ئىشقى يېنىپ تۇرىدىغان ئاپتورلار لايدا قونچاق ياساپ ئوينايدىغان كىچىك بالىلارغا ئوخشىمىسا كېرەك.
شېئىر ھېس – تۇيغۇنىڭ زاھىر شەكلى ياكى ئاڭنىڭ ماددىلاشقان ھالىتى. ھېس – تۇيغۇنىڭ شەكىلگە كىرىش ياكى ئاڭنىڭ ماددىلىشىش جەريانى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ئەمەلىيەتتە شېئىرنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. شېئىرنىڭ قانۇنىيىتى تىل، تەسەۋۋۇر، پىكىر، غايە، ئۇرغۇ، ۋەزىن، رىتىم، تۇراق، قاپىيە، ئىپادىلەش، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سىمۋول، ئىماگ(ھېسسىي ئوبراز)، شەكىل، مەزمۇن، ھەتتا پەش – چېكىتلەرنىڭ مۇزىكىلىق بېرىكىش قانۇنىيىتىدۇر. بۇ قانۇنىيەت شېئىردىن مۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق مۇكەممەللىككە چەكسىز يېقىنلىشالىغان شېئىر مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا بەك ئاز كېلىدۇ. ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ مەشھۇر شېئىرى ‹‹تۈگىمەس ناخشا›› ئۆز ۋاقتىدا ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى رەخىم قاسىمنىڭ ئالدىغا كەلگەنىكەن. رەخىم قاسىم شېئىرنى ئوقۇپ كۆرۈپ بەزى سۆزلەرنىڭ تۇيغۇ ئىپادىلەشتە جايىغا چۈشمىگەنلىكىنى بايقاپ، ‹‹جايىغا چۈشۈرۈش›› پىكرىنى تېيىپجان ئېلىيېفقا ئېيىتقان. تېيىپجان ئېلىيېف ساقىلىنى پەش قىلىپ، شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالماي، ئەكسىچە، رەخىم قاسىمنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، شۇ بويىچە تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ مەشھۇر شېئىر رەخىم قاسىمنىڭ ئازراق ‹‹ئوڭشىغىنى›› بويىچە ئەل ئارىسىغا تارقالغان. بۇنداق مىساللار نۇرغۇن. بىراق مەن ئۇچراتقان بەزى ئاپتورلار شېئىرىنىڭ سۆز، مىسرا، پەش، چېكىتلىرى ‹‹ئۆزگىرىپ›› كەتسە ياكى تەلەپكە يەتمەي ئېلان قىلىنمىسا مېنى ئىزدەپ كېلىپ ۋە تېلېفون بېرىپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالدى ياكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بىر كۈنى بىر ئاپتور كىتاب توغرىسىدا يېزىلغان بىر پارچە شېئىرنى كۆتۈرۈپ كەلدى. مەن شېئىرنى تەپسىلى ئوقۇدۇم. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ شېئىر شېئىرغا ئوخشىمايتتى. شۇڭا بۇ شېئىردىكى ئۆزۈم ھېس قىلغان كەم تەرەپلەرنى پىكىر سۈپىتىدە ئاپتورغا دېسەم، ئۇ ‹‹مەن بۇ شېئىردا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنى روزى سايىتمۇ، مۇھەممەدجان راشىدىنمۇ دېمىگەن›› دەپ شېئىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالدى. مېنىڭچە، شېئىرنى شېئىرنىڭ ئاپتورى چۈشەندۈرمەيدۇ، شېئىرنىڭ ئۆزى چۈشەندۈرىدۇ. شېئىرنى شېئىر ئاپتورىنىڭ چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋېلىشى شېئىردا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلىگەن شېئىر مۇھەررىرگىلا ئەمەس، ئاۋام – ئەلگىمۇ ياقىدۇ. بۇنىڭغا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ ‹‹ئويغان››، ‹‹غەزەپ ۋە زار››؛ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹‹يىللارغا جاۋاب››، ‹‹خىيالچان تىلەك››؛ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز››، ‹‹ياخشى›› قاتارلىق مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. ھازىر شېئىرىيەت ‹‹دۇنياۋىيلىشىش››قا قاراپ يۈزلەنگەچكىمۇ، ئەيتاۋۇر، ئېقىم كۆپىيىپ، يېڭىلىنىپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئېقىم ھەرقانچە يېڭىلىنىپ، ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ، ئوقۇرمەن ئۆزگەرمەيدۇ، نىسپىي مۇقىم بولىدۇ. مەنىۋى مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھىرى بولغان شېئىرغا تەشنا نىسپىي ئۆزگەرمەس ئوقۇرمەننى ئالداشقا بىزنىڭ ھېچقانداق ھەققىم يوق. چۈنكى بىزنىڭ شېئىر يېزىش ۋە تەقدىم قىلىشىمىز شۇلار ئۈچۈندۇر. شۇڭا شېئىر مەيلى قايسى ئېقىم، قايسى ۋەزىن، قايسى ئۇسلۇبتا يېزىلسۇن، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇشمۇ شېئىردىكى بىر خۇسۇسىيەت. بۇ ئىقتىدارغا، بۇ خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولالمىغان شېئىر ئېنىقكى ‹‹قىزىل قەلەم››نىڭ نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹‹قىزىل قەلەم›› ھوقۇققا ئەمەس، مەسئۇلىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر مۇھەررىر ‹‹قىزىل قەلەم›› تۇتۇشنى ھوقۇق دەپ چۈشۈنۈۋېلىپ، تەلەپكە ئۇيغۇن شېئىرنىمۇ تەھرىرلىدىم دەپ، بىلەرمەنلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تەھرىرلىسە ياكى قەستەن ئۆزگەرتىۋەتسە، بۇ، مۇھەررىرنىڭ يا ئىقتىدارسىزلىقىغا، يا كەسىپ جەھەتتىكى ئەخلاقسىزلىقىغا چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىلەرمەنلىك مۇھەررىرنىڭ سۈپىتى ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئاپتورنىڭ سوئاللىرىنى چەكلىگىلى بولمايدۇ. قويۇلغان سوئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن مۇھەررىر ‹‹قىزىل قەلەم››نى نۇرلاندۇرۇشى كېرەككى، شەنىگە داغ چۈشۈرمەسلىكى كېرەك. دەرۋەقە، بەزى ئاپتورلار ‹‹ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى›› بويىچە شېئىر ئەسلىي تەھرىرلەنمەسلىكى كېرەك، دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇنداق قاراشتىكى ئاپتورلار مەتبۇئاتلارغا شېئىر ئەۋەتكەندە ئارگىنالىغا ‹‹شېئىرىمنىڭ تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلمايمەن›› دەپ يېزىپ قويغىنى تۈزۈك. بۇ شېئىر مۇھەررىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن، راستىنلا تەھرىرلەش بىھاجەت بولسا ئىشلىتىلىشى، تەھرىرلەش ھاجەت بولسا ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن. تەھرىر بۆلۈمىگە كېلىدىغان شېئىر ئارگىنالىغا، ئادەتتە، بۇنداق خەت يېزىلمايدۇ. ئارگىنالىغا بۇنداق خەت يېزىلمىغا، شېئىرنى تەھرىرلىنىشكە قوشۇلغان شېئىر، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تەھرىرلىنىشىگە قوشۇلمايدىغان شېئىر تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلمەي ئاپتورنىڭ خاتىرىسىدە تۇرىۋەرسە ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ. شېئىر تەھرىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە تەھرىرلىك ئۆتكىلىدىن ئۆتىدۇ – دە. بولمىسا تەھرىر بۆلۈمىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن!
گېپىمىزگە كەلسەك، نېمىلا دېگەن بىلەن، شېئىر ئاپتورنىڭ بالىسىغا ئوخشايدۇ، ‹‹قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق›› دېگەندەك، ئاپتورغا ئۆزىنىڭ شېئىرى ھەرگىز سەت كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا ھەرقاچان ئۆزىنىڭ بالىسى تەرەپتە تۇرغاندەك، ئاپتورمۇ ھەرقاچان ئۆزىنىڭ شېئىرى تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنداق تەرەپدارلىقنىڭ كەينىگە كىرسەك ياراملىق بالا – ياراملىق شېئىر ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ياراملىق شېئىر قايتا – قايتا پىششىقلاشنىڭ مەھسۇلىدۇر. مۇنداقچە دېگەندە، مۇھەررىر شېئىرنى پىششىقلىغۇچىدۇر. ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلىگەن شېئىرنى پىششىقلاشقا كۈچ كەتمىگەن بىلەن، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلمىگەن شېئىرنى پىششىقلاشقا كۈچ كېتىدۇ. شۇڭا ئاپتور يازغان شېئىرىنى چۈشەندۈرۈشكە زورۇقماي، ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلەيدىغان شېئىرنى يېزىشقا تىرىشىشى كېرەك.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: گۈلبەھرەم مۇختار)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش